Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، رەببىم، ئىگەم، دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە. ئىسلام دىنىدا ئاللانىڭ ماھىيەتلىك بولمىغان گۈزەل ئىسمىنىڭ ھۆرمەت بىلەن ئاتىلىشىدۇر. <قۇرئان كەرىم> دە قىسقا ئايەت شەكلى بىلەن كۆپ چىقىدۇ. مەسىلەن: <جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاغا خاستۇر> (1 - سۈرىنىڭ 2 - ئايىتى). <ئاللا ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەرىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر> (3 - سۈرىنىڭ 51 - ئايىتى). <.... بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر...> (18 - سۈرىنىڭ 14 - ئايىتىدىن).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دىن
بارلىقنى ياراتقۇچى؛ خۇدا.