پەم[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئەقىل، ئىدراك، پاراسەت:[يەشمىسى:] پەم بىلەن ئىش قىلماق. * ھەر ئىشقا پەم كېرەك، ئۆتۈككە چەم كېرەك (ماقال).[يەشمىسى:] ② كىشىلەر بىرەر ئىشنى بېجىرىشتە قوللىنىلغان ئەپ؛ چارە، ئامال، تەدبىر:[يەشمىسى:] پەم ئىشلەتمەك. پەمى بار. پەمى يوق.[يەشمىسى:] ③ كىشىلەرنىڭ بىرەر ئىشقا نىسبەتەن قىلغان ئوي، قىياسى، مۆلچەرى:[يەشمىسى:] ئاكا، سېنىڭ پەمىڭچە، مۇشۇ كارخانىنى كۆتۈرە ئالساق، كېيىن «ئىسىت» دەپ قالماسمىزمۇ دېدى ئابدۇغېنى.[يەشمىسى:] ④ دىققەت، ئېھتىيات:[يەشمىسى:] ئالماس مەشرەپنىڭ قولىدىن تۇتۇپ پەم بىلەن ھويلىغا كىردى.