UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەت، بولۇپمۇ كىيىم - كېچەكنىڭ كۆپچىلىك قوبۇل قىلغان شەكلى.
مودا قوغلىشىش بىر خىل يامان ئادەت، چۈنكى مودا قوغلاشقۇچىلارنىڭ جامالى بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. دوكلاتتىن كېيىن، <كۆپچىلىككە رەھمەت> دېيىش ھازىر خېلى مودا بولۇپ قالدى. جىلىتكەڭنىڭ فورمىسىنى ئېلۋالسام، بېرىپ تۇرساڭ. يېپى پاسوندا كۆڭلەك كىيگەن بىر قىز كوچىدا مەغرۇر كېتىۋاتاتتى. بۇ چاپاننىڭ ياڭزىسى خېلى ياخشى ئىكەن. يىراق يەرنىڭ گېپى ھەر ياڭزا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
فرانسوزچە
ئى. ھەر خىل كىيىم - كېچەكلەرنىڭ پىچىمى، تىكلىشى ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، شەكلى، مودېلى.
كوچىدا ھەر خىل پاسوندا كىيىنگەن ئون نەچچە كىشى ئالدىرىماي قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتاتتى.
سۈپ. يېڭى مودا بىلەن ياسىنىپ يۈرىدىغان؛ چىرايلىق.
پاسون قىز. پاسون بولۇپ كەتمەك.
پاسون[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>فرانسوزچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:]ئىسىم.[يەشمىسى:] ھەر خىل كيىم-كېچەكلەرنىڭ پىچىمى، تىكىلىشى ۋە شۇ خىلدىكى نەرسىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، شەكلى، مودېلى:[مىسال:] كوچىدا ھەر خىل پاسوندا كىيىنگەن ئون نەچچە كىشى ئالدىرىماي قەدەم تاشلاپ كېتىۋاتاتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] يېڭى مودا بىلەن ياسىنىپ يۈرىدىغان؛ چىرايلىق:[مىسال:] پاسون قىز. پاسون بولۇپ كەتمەك.