UyghurMain Dictionary
پارە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پارچە، بۆلەك:
يانچىلىغان، ئېزىلگەن:
كىتابنىڭ بىر بابى، بۆلۈمى:
1. ۋەلېكىن تاپالماي ئاڭا چارەئى،
ئۇرۇپ يەرگە باغرىن قىلىپ پارەئى.
ئا. نىزارى.
2. جەبەلنىڭ يۈرىكىم بەسى يارەدۇر،
كى تىرناغى زەخمى بىلە پارەدۇر.
ئا. نىزارى.
3. شەۋكەتى ھۇسنۇڭ بىلە شەئنى جۇنۇنۇمغە باقىپ،
دەفتەرى پەرھاد - شىرىن پارەئى ئەفسانەدۇر.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بۆلەك، ئۈلۈش، بۆلۈم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
پارچىلانغان نەرسىنىڭ بىر قىسمى؛ بۆلەك، پارچە.
پارە بولماق. پارە قىلماق.
قۇرئاننىڭ 30 بۆلىكىنىڭ ھەربىر بۆلۈمى.
30 پارە قۇرئاننى يادا ئالماق.
پارە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① پارچىلانغان نەرسىنىڭ بىر قىسمى؛ بۆلەك، پارچە:[مىسال:] پارە بولماق. پارە قىلماق.[يەشمىسى:] ② قۇرئاننىڭ 30 بۆلىكىنىڭ ھەربىر بۆلۈمى:[مىسال:] 30 پارە قۇرئاننى يادا ئالماق.