پاقىيوپۇرماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]پاقا+يوپۇرماق[[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] پاقىيوپۇرماق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ۋە تۇخۇمسىمان؛ گۈلى باشاقسىمان گۈل رېتىدە؛ مېۋىسى غوزىلىق مېۋە؛ ئۇرۇق ۋە يوپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ؛ ئۇرۇقىنىڭ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ۋە سۈيدۈكنى راۋان قىلىش؛ يوپۇرمىقىنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇش رولى بار.