پاقاⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>زوئولوگىيە<[يەشمىسى:] قوش ماكانلىق ھايۋان. بېشى ياپىلاق ھەم كەڭ؛ ئاغزى، كۆزى چوڭ؛ تېرىسى سىلىق، رەڭگى مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئادەتتە يېشىل، كۈل رەڭ سەپكۈنلىرى بولىدۇ؛ بارماق ئارىلىقىدا نېپىز پەردىسى بار؛ سۇدا ياكى سۇغا يېقىن جايلاردا ياشايدۇ، كۆپىنچە قاراڭغۇدا ھەرىكەت قىلىدۇ؛ ئەركەكلىرىدە كۇركىراش ئورگىنى بولىدۇ، ئۈنلۈك كۇركىرايدۇ؛ ئاساسەن ئېتىزلاردىكى زىيانداش ھاشاراتلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ؛ يېزا ئىگىلىكىگە پايدىلىق، بالىسى «قۇمچاق» دېيىلىدۇ. يېشىل پاقا ئادەتتە «ئېتىز توخۇسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.