پالاقلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «پالاق-پالاق» قىلغان ئاۋاز چىقارماق:[مىسال:] ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈۋىدى، كاتەك تەرەپتىن توخۇلارنىڭ پالاقلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنىڭ كويىدا يۈرمەك، ھەرىكەت قىلماق، غېمىنى يېمەك، ئىزدەنمەك:[مىسال:] نىزامىدىن كوللېكتىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇدا بىر يىل پالاقلاپ يۈردى.