پايزا[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يازدا چېچەكلەيدۇ. بوز يەرلەردە ئۆسىدۇ. ئېلىمىزگە ۋە شەرقى يېرىم شارنىڭ مۆتىدىل ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغلىرىدىكى رايونلارغا تارقالغان. چارۋىچىلىقتا ئوت-چۆپ قىلىنىدۇ.