دۇنيا تارىخىنان ئىۋاكى ياپونىيىدىكى ئوساكانىڭ قەدىمكى نامى. تېننو يىڭشىڭ بۇ يەردە دايۈ سارىيىنى سالدۇرغان، تېننو رېندې گاۋجىن سارىيىنى سالدۇرغان، تېنو چىنمىڭ دايۈ سارىيىنىڭ ئورنىغا جۇجىن سارىيىنى سالدۇرغان. مىلادى 645-يىلى (-تېننو شياۋدىنىڭ 1-يىلى) پايتەخت فېيىنياۋدىكى بەنگەي (ھازىرقى نارا ناھىيىسى) دىن نەنبودىكى جاڭمىڭفىڭچىغا كۆچۈرۈلگەن. كېيىنكى بىر نەچچە سۇلالە داۋاملىق شۇ يەردە بولغان. 680-يىلى (تېننو تيەنۋۇنىڭ 8-يىلى) ئۇنىڭ سىرتىغا سېپىل سېلىنغان. 686-يىلى خان ئوردىسىغا ئوت كەتكەن. 726 - 734-يىللىرى يېڭى ئوردا سېلىنغان (ھازىرقى ئوساكا شەھىرىدىكى فايۇەنبەنتىڭدە). 745-يىلى پايتەخت پىڭچىڭغا كۆچۈرۈلگەن.