Uyghur←ChineseMain Dictionary
مۈشۈكئېيىق
Domain: بىئولوگىيە熊猫
xióngmāo
ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىنىڭ گۆشخورلار ئەترىتى، مۈشۈكئېيىقلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. <چوڭ مۈشۈكئېيىق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەدىنى سېمىز، بوينى قىسقا، باش سۆڭىكى ئېيىقنىڭكىدەك چوڭ، لېكىن تۇمشۇقى كالتە، بەدىنىمۇ سەل كىچىك. ئۇزۇنلۇقى 5.1 مېتىر، مۈرە ئېگىزلىكى 66 سانتىمېتىر. ئەڭ چولىرىنىڭ ئېغىرلىقى 183 كىلوگرامغا يېتىدۇ. قۇيرۇق ناھايىتى قىسقا، يۇڭى قويۇق ھەم جۇلالىق. كۆز ئەتراپى، قۇلاق سۇپرىسى، ئالدى - كەينى پۇتلىرى ۋە مۈرىسى قارا، قالغان جايلىرىنىڭ ھەممىسى ئاق. چامداپ ماڭىدۇ، بارماقلىرى ئارىسىدا تېرە پەردىسى بار، ئالىقان قاداقچىسى ۋە تاپان قاداقچىسى بولىدۇ. تىتقۇچى چىشى يوق. 2000 - 4000 مېتىر ئېگىز تاغلاردىكى بامبۇكزارلىق ئورمانلاردا ياشايدۇ، بامبۇك خىلىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئوزۇقلىنىش مىقدارى زور، ھەزىم قىلىش ھەم چايناش ئىقتىدارى كۈچلۈك. ئۈچەككە كىرىش ئادىتى يوق. دەرەخقە يامىشىشقا ماھىر. كۆپىنچە كېچىسى ھەرىكەتلىنىدۇ. چېتىشىش مەزگىلىدىن باشقا چاغلاردا يالغۇز ياشايدۇ. باھار پەسلىدە چېتىشىدۇ، بوغاز مەزگىلى يەتتە ئاي بولۇپ، كەچ كۈزدە بىرنى تۇغىدۇ. پەقەت مەملىكىتىمىزنىڭ سىچۇەننىڭ شىمالىي قىسمى ۋە گەنسۇنىڭ جەنۇبىي قسىمى، تىبەتنىڭ شەرقىي قىسمى ھەم شەنشىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسىملىرىدىن چىقىدۇ. چوڭ مۈشۈكئېيىق مەملىكىتىمىزدىن ئالاھىدە چىقىدىغان ھايۋانلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنىدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋان ھېسابلىنىدۇ ھەمدە ئىنتايىن مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە. مەملىكىتىمىزدە ئاز ئۇچرايدىغان بۇ ئەتىۋارلىق ھايۋاننى قوغداش ئۈچۈن بىر قانچە تەبىئىي قوغداش رايونلىرى قۇرۇلدى.
Domain: ئۇنىۋېرسال(ئى)
xióng māo
熊猫
Domain: ئۇنىۋېرسال大熊猫
dà xióng māo
Specialized
Domain: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر
ھايۋانلار
(1) <ئېيىق> دېگەن سۆزنىڭ قول ئىشارىتى بىلەن ئوخشاش. (2) ئىككى قولنىڭ باشمالتىقى ۋە بىگىز بارماقلىرى بىلەن يېرىم چەمبەر ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ئىككى كۆزىگە يېقىپ، مۈشۈك ئېيىقنىڭ قارا كۆزىگە تەقلىد قىلىدۇ.
熊猫
xióng māo
GetWord Corpus
9大熊猫
dà xióng māo
猫熊
māo xióng
熊猫
xióng māo