Uyghur←ChineseMain Dictionary
مەركىزىي تەنچە
Domain: بىئولوگىيە中心体
zhōngxīntǐ
ھايۋان ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەردىكى بىر خىل ھۈجەيرە ئاپپاراتى. ئۇ مەركىزىي شارچە دەپ ئاتىلىدىغان بىر دانە كىچىك سۈزۈك سىتوپلازما رايونىغا ئورالغان 1 ~ 2 دانە مەركىزىي دانىچىدىن تۈزۈلىدۇ. ئارىلىق مەزگىلىدىكى ھۈجەيرىدە مەركىزىي تەنچە كىچىك شارسىمان بولۇپ، يادروغا يېقىن تۇرىدۇ. ھۈجەيرە يىپلىق بۆلۈنگەن ۋاقتىدا مەركىزىي تەنچە نۇسخىلىنىپ ئىككى دانە بولىدۇ، ئۇنىڭ بىرى ئەسلىدىكى ئورنىدا قېلىپ، يەنە بىرى ھۈجەيرە يادروسىنىڭ سىرتقى ئەتراپىنى ئايلىنىپ، قارشى قۇتۇپقا قاراپ سىلجىيدۇ. مەركىزىي تەنچىنىڭ تۆت ئەتراپىدا يۇلتۇزسىمان يىپچىلار (مىكرو نەيچە) چىقىپ، يۇلتۇزسىمان تەنچىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئىككى يۇلتۇزسىمان تەنچىنىڭ ئارىلىقىدا ئۇرچۇقسىمان تەنچە ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا مەركىزىي تەنچە (مەركىزىي دانىچە) بىلەن ئۇرچۇق يىپچىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشى، خروموسومىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. <مەركىزىي دانىچە>، <يۇلتۇزسىمان تەنچە> گە قاراڭ.
تېببىي,ئورمانچىلىق
中心体
zhōng xīn tǐ
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.