بوتانىكاچەيزە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى تۈگۈنچە شەكىللىك، قارا كۈل رەڭ بولىدۇ، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۇزۇن، ئېللىپس شەكلىدە، غولى سۆسۈن سېرىق رەڭلىك، مېۋىسى غوزا مېۋە، زەھەرلىك. ئۇرۇقى، يىلتىزى، غولى ۋە يوپۇرماقلىرى دورا قىلىنىدۇ. ئاغرىق پەسەيتىش، تىنچلانغۇرۇش رولىغا ئىگە.