مانانلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① چاڭ-تۇمان پەيدا بولماق، مانان بىلەن قاپلانماق:[مىسال:] سۇ ئۈستىدە شالاڭ تۇمان پەيدا بولۇپ، ھەممە نەرسە مانانلىشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] غۇۋالاشماق، خىرەلەشمەك:[مىسال:] ئۇنىڭ كۆزى يەنە ياشتىن مانانلاشتى.