ماكان (ماكانى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① تۇرار جاي، ئورۇنلاشقان يەر، يۇرت، ۋەتەن:[مىسال:] كېچە-كۈندۈز ئىشلەپمۇ، باقالمىدىم بۇ جاننى. ئاخىر دەردكە چىدىماي، تاشلاپ كەتتىم ماكاننى.[يەشمىسى:] ② ئۆي، ئۇۋا:[مىسال:] پادىچى يىگىت بىلەن قىز كېيىن بىر مەزگىل ئاشۇ گۈمبەزنى ماكان قىلغان.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر خىل ئوبيېكتىپ شەكلى. كەڭلىك، ئۇزۇنلۇق، ئېگىزلىك ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. «بوشلۇق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ④ بىرەر نەرسە توپلانغان ياكى كۆپ بولغان جاي:[مىسال:] بەشكېرەم ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق مېۋىلەرنىڭ ماكانى ۋە كانىدۇر.