مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى ئۆسۈپ چىققىنى، ياش ۋاقتى.
«بىخ» دەل - دەرەخنىڭ يېڭىلا چىققىنى، «ناتا» خېلى ئۆسكىنى.
«مايسا» زىرائەتنىڭ يېڭى ئۆسۈپ چىققىنى.
ئەتىياز كەلدى، دەرەخلەر بىخ سۈردى. ياغاچنى نوتا چېغىدا ئەگ. مايسىنى يولۇپ ئۆستۈرمەك _ ئەخمەقلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زىرائەتنىڭ ئۇرۇق ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىنكى بەشتىن - ئالتە سانتىمېتىر ئۆسكەن يۇمران تېنى.
بۇغداي مايسىسى. قوناق مايسىسى. مايسا كۆچۈرمەك. مايسا ئېتىزى.