ماياقتاش[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]ماياق+تاش[[كەسىپ تۈرى:]>گېئولوگىيە<[يەشمىسى:] بىر خىل مىنېرال. قۇشلار مايىقىنىڭ ئاينىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. ئادەتتە ئۇ فوسفور كىسلاتا تۇزلىرى، گۈڭگۈرت كىسلاتا تۇزلىرى، كاربونات كىسلاتا تۇزلىرى ۋە باشقا ئارىلاشمىلارغا باي بولىدۇ. تاشقى شەكلى دانلىق، كاللەك ۋە كاۋاكلىق كېلىدۇ ھەمدە ئالىي سۈپەتلىك ئوغۇت بولالايدۇ.