Domain: دۇنيا تارىخىئوتتۇرا امېرىكىدىكى مېكسىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، گۋاتېمالا ۋە ھوندۇراسنى مەركەز قىلغان قەدىمكى زامان مەدەنىيىتى. لاتىن ئامېرىكىسى قەدىمكى زامان مەدەنىيەتلىرى ئىچىدە ئەڭ راۋاجلانغان، ئەڭ روناق تاپقان مەدەنىيەت بولۇپ، <ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يۇنان> دەپ نامى بار، شۇنداقلا دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان بىر قانچە مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ باشلانغان ۋاقتى خېلى بۇرۇن بولۇپ، مىلادىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىروگلېف (تەسۋرىي) يېزىقى (<مۇقەددەس كىتاب شەكلى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مەيدانغا كەلگەن. يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقان يېھا ئىگىلىكى، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، كالېندار ۋە دېىنىي مۇراسىملىرى ھەمدە چوڭ - چوڭ تاشتىن قوپۇرۇلغان <ئېھرام> (ئىبادەتخانا بىنالىرى) ۋە باشقا بىنالىرى بولغان. ئۈستۈن ماھارەتلىك تاش ۋە قاشتېشى ئويما - نەقىشچىلىك ۋە ساپالچىلىق تېخنىكىسىغا ئىگە بولغان، براق تېخى مېتال قوراللار ئىشلەتمىگەن پەقەت ئالتۇن ۋە تۇچنى زىننەت بۇيۇملىرى سۈپىتىدىلا ئىشلەتكەن. مىلادى Ⅲ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە بولغان دەۋرى مايا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. Ⅹ ئەسىردىن كېيىن خارابلىشىشقا باشلىغان، 14 - ئەسىرەە كەلەەندە ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن نابۇت قىلىۋېتىلگەن.