UyghurMain Dictionary
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
<لىپ> قىلىپ، <لىپ> قىلغان ھالدا.
شۇ ئەسنادا شۇ يەرگە پەيدا بولغان بىر ھەربىي ئەمەلدارغا يانداش ماڭغان ئۇيغۇر ئايال گۈلقىزنى كۆرسىتىپ <لىپپىدە > كۆز ئىشاتىتى قىلىۋالدى، ئەمەلدار ئاستا توختاپ قالدى.
لىقمۇ - لىق،توشقۇچە، لىققىدە.
رېشتىلەر ئېشىلگەن ۋاپادارلىقتىن، كەشتىلەر تىكىلگەن مېھرى يىپىدە، تۇتۇشار دوست - ياران مەشرەپكە بېيىت ئېيتىپ مەي، چىنىگە قۇيۇپ لىپپىدە.
لىپپىدە[سۆز تۈركۈمى:] رەۋىش.[يەشمىسى:] ① «لىپ» قىلىپ، «لىپ» قىلغان ھالدا:[مىسال:] شۇ ئەسنادا شۇ يەرگە پەيدا بولغان بىر ھەربىي ئەمەلدارغا يانداش ماڭغان ئۇيغۇر ئايال گۈلقىزنى كۆرسىتىپ «لىپپىدە» كۆز ئىشارىتى قىلىۋالدى، ئەمەلدار ئاستا توختاپ قالدى.[يەشمىسى:] ② لىقمۇلىق، توشقۇچە، لىققىدە:[مىسال:] رېشتىلەر ئېشىلگەن ۋاپادارلىقتىن، كەشتىلەر تىكىلگەن مېھرى يىپىدە. تۇتۇشار دوست-ياران مەشرەپكە بېيىت ئېيتىپ مەي، چىنىگە قۇيۇپ لىپپىدە.