لوكⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① تۆگە ماڭغاندا، بولۇپمۇ تېز يۈرگەن چاغدىكى لوككىسىنىڭ ھەربىر سىلكىنگەن قوپال ھالىتى:[مىسال:] تۆگە يۈگۈرگەندە ئۇنىڭ لوككىسى لوك، لوك قىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② بەزى ئادەملەر ئىتتىكرەك ماڭغان ياكى ئاستىراق يۈگۈرگەندىكى قوپال ھەرىكەت ھالىتى.