—Reference
<قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى>
شىنجاڭدىكى بىر قىسىم نەشرىياتلار
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى - ئۇيغۇر تىلىدا ھەر خىل كىتابلارنى نەشر قىلىدىغان ئۇنىۋېرسال نەشرىيات بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى باشقۇرىدۇ، بۇ نەشرىيات 1980 - يىلى رەسمىي قۇرۇلۇپ، 1981 - يىلدىن تارتىپ كىتاب نەشر قىلىشقا باشلىغان. بۇ نەشرىيات سىياسىي - قانۇن، پەلسەپە، ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، مەدەنىيەت - مائارىپ، تىل - يېزىق، تارىخ - جۇغراپىيە، سەھىيە، تەبىئىي پەنلەر، بالىلار ئوقۇشلۇقلىرىغا دائىر كىتابلارنى نەشر قىلدۇ. تەھرىر بۆلۈم قارمىقىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى بار. بۇ گۇرپپا ئاساسەن ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلايدۇ، شۇنداقلا قەرلسىز <كارۋان> ناملىق ئەدەبىي مەجمۇئەنى چىقىرىدۇ. بۇ مەجمۇئەگە ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ پوۋېست، داستان - باللادىلىرى، قىسمەن ھالدا چەت ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ نەمۇنىلىك ئەسەرلىرى بېرىلىدۇ. بۇ نەشرىيات ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي ئەسىرىنى نەشر قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشتى.
Reference