Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەرپولشىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان مۇھىم سانائەت شەھىرى، كراكوۋ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ بىرى. كراكوۋ ۋىسۋا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىن بويىغا جايلاشقان. شەھەر ئاھالىسى 700 مىڭدىن ئاشىدۇ، كراكوۋ 14 - ئەسىرىدن 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە پولشىنىڭ پايتەختى بولغان. ھازىر پولشىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى، بۇ جايدىكى پولات - تۆمۈر سانائىتى پولشا بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، شەھەرنىڭ شەرقىدىكى يېڭى گوتا رايونىدا پلشا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ پولات - تۆمۈر بىرلەشمە كارخفنىسى بار. پولات - تۆمۈر سانائىتىدىن باشقا ماشىنىسازلىق، پاراۋوز، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى (سېمونت، ئوتقا چىداملىق ماتېرىياللار، پولات - سېمونت بىلەن قاتۇرۇلغان ماتېرىياللار)، كۆمۈركان سانائىتى، يېمەك - ئىچمەك سانائىتى، توقۇمىچىلىق قاتارلىق سانائەتلەرمۇ تەرەققىي قىلغان. كراكوۋ ۋارشاۋادىن قالسا دۆلەت بويىچە ئىككىنچى مەدەنىيەت مەركىزى. ئۇ جايدا 1364 - يىلى قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپ، ئۇنىۋېرسال سانائەت داشۆسى، سەنئەت شۆيۈەنى، كان - مېتاللۇرگىيە شۆيۈەنى، ئاتوم فىزىكىسى تەتقىقات ئورنى، ئوبسېرۋاتورىيە، رەسەتخانا، مۇزېي، ۋاۋېر سارىيى (قەدىمىي گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرى ساقلىنىدۇ)، كونىشەھەر خارابىلىرى، چېركاۋلار ۋە قەدىمىي تارىخىي ئورۇنلار بار. بۇ قايدا 1966 - يىلىدىن باشلاپ قەرەللىك ھالدا گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان بولدى.