UyghurMain Dictionary
كونىستانىس سۈلھ شەرتنامىسى
Domain: دۇنيا تارىخىمۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) بىلەن لومباردىيە ئىتتپاقىنىڭ 1183 - يىل 6 - ئاينىڭ 25 -كۈنى كونىستانىس شەھىرىدە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. شەرتنامىدە ئىمپېراتور لومباردىيە ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ھەرقايسى شەھەرلەرگە ئەمەلدار تەيىنلەش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىدۇ، ھەرقايسى شەھەرلەر كونسۇللارنى ئۆزى سايلايدۇ، ئەمما ئۇلار ئىمپېراتورنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىگە بولۇشى لازىم؛ ئىمپېراتور ئىتالىيىگە قارشى جەڭگە ئاتلانغاندا، ھەرقايسى شەھەرلەر ياردەمچى قوشۇن يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئەمما ئىمپېراتور ئۇلارنى ئۇزاق مۇددەت تۇرغۇزۇۋالمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن لومباردىيە ئىتتىپاقىدىكى شەھەرلەر ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا يېڭىۋاشتىن ئېرىشكەن.