Uyghur←ChineseMain Dictionary
كوممۇنىستىك پارتىيە
Domain: ئۇنىۋېرسال共产党
gòng chǎn dǎng
Domain: دۇنيا تارىخى共产党
gòng chǎn dǎng
ماركىسىزم - لېىنىنزىملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتى بويىچە قۇرۇلغان پرولېتارىيات پارتىيىسى. پرولېتارىياتنىڭ ئاۋانگارد قوشۇنى، پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ئىشلىرىنىڭ رەھبىرى كۈچى. پرولېتارىيات ئىلغارلىرىدىن تەركىپ تاپقان، ماركىسزم - لېنىنزملىق نەزەرىيىنى ئۆزىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى قىلىپ، دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش پرىنسىپىغا ئاساسەن تەشكىللەنگەن ۋە قاتتىق تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئىگە. ئۇ پرولېتارىيات ۋە ئەمگەكچى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىتتپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ئېلىپ بېرىپ، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىزم قۇرۇش ۋە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. كوممۇنىستىك پارتىيە دېگەن بۇ نام ئەڭ ئاۋۋال 1848 - يىلى نەشىر قىلىنغان ماركىس، ئېنگلېسنىڭ <كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى> دا قوللىنىلغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدا قۇرۇلغان بىرمۇنچە ئىشچىلار پارتىيىلىرى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى دەپ ئاتالغان، بۇ پارتىيىلەر كېيىن ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئاغمىچىلىق پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرى بىلەن، كۆپىنچىسى بۇرژۇئا ئىسلاھاتچى پارتىيىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن. روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) لېنىننىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، 1918 - يىلدىكى يەتتىنچى قۇرۇلتايدىن باشلاپ، نامىنى رەھمىي ھالدا روسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار)گە ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، ھەرقايسى ئەللەردە قۇرۇلغان پرولېتارىيات پارتىيىلىرىدىن ئىشچىلار پارتىيىسى، ئەمگەك پارتىيىسى، كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان ئاز بىر قىسىمدىن باشقا، قالغان كۆپىنچىسى كوممۇنىستىك پارتىيە دەپ ئاتالغان.
Specialized
Domain: خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئىشارە تىلىسىياسى، قانۇن
پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى
ئىككى قولنىڭ بىگىز بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى ئېچىپ، ئۆز ئارا كېسىشتۈرىدۇ.
共产党
gòng chǎn dǎng
GetWord Corpus
9共产党
gòng chǎn dǎng
赤
chì