Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىكۆرەڭلىك، مەغرۇرلۇق.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئېشتىپ ئاتا ئاناڭنىڭ ساۋلارىنى قادىرما
نەڭ قۇت بۇلۇپ كۆۋەزلىك قىلنىپ يانا قۇتۇرما
«ئاتا - ئاناڭنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلا، (ئۇنى) قايتۇرما،
دۇنيا ۋە بەخت تېپىپ قالساڭ، تەكەببۇرلىشىپ، قۇترىما.»
ئاتا - ئاناڭنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلا، ئۇلارغا سۆز ياندۇرما، مال - مۈلۈك ۋە بەخت تاپساڭ، ھەددىڭدىن ئېشىپ قۇترىما.
1 - 660