Uyghur←ChineseMain Dictionary
كلاپپېرتون
Domain: دۇنيا تارىخى克拉伯顿
kè lā bó dùn
(1788 - 1872). ئەنگلىيەلىك ئېكسپېدىتسيەچى. 1823 - يىلدىن باشلاپ، دېنام بىلەن ترېپولدىن يولغا چىقىپ ساھرايى كەبىر چۆللۈكىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بورنۇ پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى كۇكا، كانو ۋە سوكوتۇغا يېتىپ بارغان. سوكوتۇ سۇلتانى بېللۇ ئۇنىڭ نېگىر دەرياسىغا بېرىشىنى توسقان. 1825 - يىلى ئەنگلىيەگە قايتىپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن شۇ يىلنىڭ ئاخىرى لاندېرنىڭ ھەمراھلىقىدا يەنە بىر نۆۋەت يىراققا يۈرۈش قىلىش ئەترىتىنى باشلاپ ئافرىقىغا بېرىپ، نېگىرىيىنىڭ باداگرىيىدىن يولغا چىقىپ ئىچكى رايونغا كىرگەن، سوكوتۇدا يەنە سۇلتان بېللو تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلغان ۋە سوكۇتو ئەتراپىدىكى بىر كەنتتە ئۆلتۈرۈلگەن.