—Reference
كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنچۇقى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ زاۋۇت
Domain: دۇنيادىكى ئەڭلەرئامېرىكىنىڭ ماسسا چۇستىس ئىشتاتىنىڭ سالىم شەھىرىدىكى باركى بوس قېرىنداشلار شىركىتى دۇنيا بويىچە كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنچۇقلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئەڭ چوڭ زاۋۇت. ئۇنىڭ بازىرى ئەڭ ئىتتىك بولغان بىردىن - بىر مەھسۇلاتى - 1935 - يىلىدىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنچۇقى بولۇپ، ئۇنى ئويناشنى <خوجا بولۇش> دەپ ئاتايدۇ. بۇ خىل ئويۇنچۇقتىن 1973 - يىلى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە 70 مىليۇن كۇرۇپكا سېتىلغان.
بۇ شىركەت كۈنىگە 215 مىليون يالغان ئامېرىكا دوللىرى بېسىپ چىقىرالايدۇ، بۇنىڭ تارقىتىلىشى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت غەزىنىسىدىكى راست پۇلدىن خېلى جىق ئىكەن.
1972 - يىلى 5 - ئايدا، ئەنگلىيىنىڭ دانىرى ئىنىستىتوتىنىڭ تۆت نەپەر ئوقۇغۇچىسى <خوجا بولۇش> ئويۇنىغا بېرىلىپ كېتىپ، بىر قېتىملىق مۇسابىقىنى 127 سائەت 30 مىنۇت داۋاملاشتۇرغان.