Domain: ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىبۇرۇن بىر دېھقان ئىككى ئىشەككە ئوتۇن ئارتىپ شەھەرگە مېڭىپتۇ. شەھەرنىڭ يېنىغىراق بارغاندا، چوڭ ئۆستەڭنىڭ كۆۋرۈكىدە ئولتۇرغان ئۈچ خەلپەتنى كۆرۈپ قاپتۇ.
دېھقان بۇلارغا سالام قىلىشنى لايىق كۆرۈپ، ئۇدۇلىغا كەلگەندە:
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، - دەپ بېشىنى ئېگىپ ئۆتۈپتۇ. لېكىن خەلپەتلەر دېھقاننى كۆزگە ئلماي ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ. دېھقان خەلپەتلەردىن ئۇزۇن، شەھەرگە كىرەي دەپ قالغاندا، بۇ ئۈچ خەلپەت قىزىق تالاشقا چۈشۈپتۇ.
- سالامنى ماڭا بەردى، - دەپتۇ بىرىنچى خەلپەت سۆزىنى دەلىللەپ.
- ياق، ئۇ دېھقان سالامنى ماڭا قاراپ بەردى، - دەپتۇ. ئىككىنچى خەلپەت.
- ئۇ سالام بەگەندە ماڭا ئېگىلىپ تۇرۇپ بەردى. بۇ سالامدا سىلەرنىڭ ھەققىڭلار يوق، - دەپتۇ. ئۈچىنچى خەلپەت.
خەلپەتلەر راسا تالىشىپتۇ. ئاخىرى پىچاق كۆتىرىشىپتۇ. خۇداغا شۈكرى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەقىللىقراقى بار ئىكەن، ئۇ:
- كىمگە سالام بەرگەنلىكىنى دېھقاننىڭ ئۆزىدىن سورايلى، - دەپتۇ. بۇ گەپكە قالغانلىرىمۇ قوشۇلۇپتۇ. بۇلار چۈشۈپ قالغان كەشلىرىگە قارىماي، دېھقاننىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپتۇ. دېھقان خەلپەتلەرنىڭ ۋارقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ:
- ئالىلا، بۇ خەلپەتلەرگە نېمە بولغاندۇ؟ مەندىن بىرەر خاتالىق ئۆتكەن ئوخشايدۇ، - دەپ قاپتۇ. ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ كەلگەن خەلپەتلەر دېھقاندىن:
- ھەي ئاكا، بايىقى سالامنى كىمگە بەردىڭ؟ -دەپ سوراپتۇ.
- ئۈچىڭلارغا، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ دېھقان.
- ئۈچىمىزنىڭ قايسىغا سالام بەگەنلىكىڭنى ئېيىتىپ بەرمىسەڭ، - دەپتۇ خەلپەتلەر، - بىز قانغا بويىلىمىز.
ۋەقەنىڭ تېگى - تەكتىنى پەملىگەن دېھقان:
- قايسىڭلار ئەخمەق بولساڭلار، شۇنىڭغا بەردىم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.