Domain: چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرىكوكۇلا، چاچ:
قاشىنى سەبزە ئەيلەپ ئوسما بىرلە،
يۈزىگە زىب - زىننەت كەسمە بىرلە.
خىرقەتى.
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىكەسمە، كوكۇلا.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تۈنلە بىلە باستىمىز
تەگمە ياڭاق پۇستىمىز
كەسمەلەرىن كەستىمىز
مىڭلاق ئەرىن پىچتىمىز
«تۈن بىلەن باستۇق،
ھەر تەرەپتىن بۆكتۈرمە قۇردۇق،
ئاتلىرىنىڭ كوكۇلىرىنى كەستۇق،
مىڭلاق ئەرلىرىنى سويدۇق.»
ئۇيغۇرلار ئۈستىگە قىلىنغان بىر ھۇجۇم توغرىسىدا شۇنداق دېيىلىدۇ: بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېچىسى باستۇرۇپ باردۇق، ھەر تەرەپتىن مۆكۈپ كىرىپ، ھەتتا ئاتلىرىنىڭ كوكۇلىرىنى كەستۇق، مىڭلاق ئادەملىرىنى ئۆلتۈردۇق. «مىڭلاق» بىر يەرنىڭ نامى.
1 - 564
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىياپىلاق ئۇچلۇق نەيزە ياكى ئوق باشىقى.
1 - 564
Domain: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىقىيما، يېمەكلىك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. كېسىلگەن، كېسىپ قويۇلغان.
كەسمە چاچ.
بىز ئالدى بىلەن كەسمە يۈزنى ئۆلچىشىمىز كېرەك.
ئى. كېسىلگەن، قىرقىلغان نەرسىلەرنىڭ ھەربىر پارچىسى.
يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكىلەر پىئونېرلارغا ماسلىشىپ رەڭلىك قەغەز كەسمىلىرى چېچىشتى.