UyghurMain Dictionary
كەيفېڭنىڭ مەدەنىيەت كوچىسىدىكى مەسچىت
Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى خېنەن شەھىرىدىكى گۇلۇنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مەدەنىيەت كوچىسىدا. جىڭ خۇەييۇ قاتارلىق كىشلەر تىكلىگەن ئابىدىگە قارىغاندا، بۇ مەسچىت تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سېلىنغان. 1573 - يىلدىن 1620 - يىلغىچە قايتا رېمونت قىلىنغان. يەنە بەزى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، 1458 - يىلى خۇاڭخې دەرياسى تېشىپ كەتكەندىن كېيىن، بۇددا دېنىنىڭ ۋىنجۇ ئىبادەتخانىسى ئورنىغا سېلىنغان. كېيىن سۇبېسىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن. 1649 - يىلى قايتا سېلىنغان. بۇ مەسچىتتە 500 ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ. ماۋەنفۇنىڭ شاگىرتى ماگۇاڭچىڭ ئاخۇن بولغاندا، بۇ مەسچىت ئىخۋانىيە مەزھىپىنىڭ پۈتۈن خېنەندە ئۆز مەزھىپىنىڭ تەشەببۇسىنى تەرغىب قىلىدىغان بازىسى بولغان.