ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرىشىددەتلىك بوران سازلىقتىن يۈز ماڭدامدەك يىراقلىقتىكى يالغۇز بىر تۈپ دەرەخنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىدى. قورققىنىدىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەن بىر تال يۇمران قومۇش يېنىدىكى غوللۇق قېرى قومۇش قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى.
- قانداقمۇ قىلارمىز، تاغا؟ - دېدى ئۇ يىغلامسىراپ، - بوران شۇنچىۋالا يوغان دەرەخنى قومۇرۇپ تاشلىيالىغان يەردە، گەپ - سۆزسىز بىزنىڭ كۈلىمىزنى كۆككە سورۇۋېتەلەيدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ دەھشەتلىك ئاپەتتىن ئامان - ئېسەن قۇتۇلۇپ كېتىشنىڭ بىرەر ئامالى تېپىلماسمۇ؟
- قورقما، بالام، - دېدى كۆپ ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قېرى قومۇش يىراقتىكى قويۇق ئورماننى كۆرسىتىپ، - بوران نېمە ئۈچۈن ئورمانغا تېگەلمەيدۇ، يالغۇز دەرەخنى قومۇرۇۋېتەلەيدۇ؟ چۈنكى، ئورمانلىقتىكى سان - ساناقسىز دەرەخلەر بىر - بىرى بىلەن زىچ گىرەلىشىپ تەڭداشسىز كۈچ - قۇدرەت ھاسىل قىلغان، يالغۇز دەرەى بولسا ئۆز توپىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالغان، شۇڭا...
- ئەمما بىزنىڭ جۇغىمىز ئۇ دەرەخنىڭ ئىنچىكە شېخىچىلىكمۇ بولمىسا...
- شۇنداق، بىز دەل - دەرەخ ئالدىدا تولىمۇ كىچىك، تولىمۇ ئاۋاقمىز، لېكىن شۇ يېرىمىز ئارتۇقكى، بىز ئۇلارغا قارىغاندا تېخىمۇ زىچ، قويۇق، ھېچقانچان بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلىپ كەتمەيمىز، گىرەلىشىپ ياشىغىنىمىز ياشىغان، شۇڭىلاشقا ھەر قانداق دەھشەتلىك بورانمۇ بىزنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ، شۇنى مەڭگۈ ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى، كۈچ - ئۆملۈكتە؟!