UyghurMain Dictionary
كاربون (Ⅳ) ئوكسىد[كەسىپ تۈرى:]>خىمىيە<[يەشمىسى:] ئانئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى CO2. سۇدا ئاسان ئېرىپ كاربونات كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ. يانمايدۇ ھەم يېنىشقىمۇ ياردەم بەرمەيدۇ. ئادەتتە ئۇ ناترىي كاربونات، قۇرۇق سۇ ۋە گاز سۈيى قاتارلىقلارنى ئىشلەشتە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوت ئۆچۈرۈشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ يەنە «كاربونات ئانگىدرىد» يەنى «كاربونات كىسلاتا گازى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.