كامېر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>لاتىنچە[[يەشمىسى:] ① ۋېلىسىپىت، ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنىڭ چاقى ياكى توپنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يەل قاچىلاش ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان رېزىنكە خالتا:[مىسال:] كامېر يامىماق. كامېرغا يەل بەرمەك.[يەشمىسى:] ② لاگېر ياكى تۈرمىلەردىكى جىنايەتچىلەرنى سولايدىغان ئۆي، قاماقخانا:[مىسال:] يېرىم سائەتتىن كېيىن، خوجىنىياز ئۆزىنى يالغۇز كىشىلىك قاراڭغۇ كامېردا كۆردى.