UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇرۇش - سوقۇش ئۈچۈن تەييارلانغان سايمان.
تاياق ئېيىقنىمۇ موللا قىلار. تاياق تەگكۈچە بېشىڭنى تارت. ئەگرى قوزۇققا دوناي توقماق. ياماننىڭ توقىمىقى يېنىدا. كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق. دۈشمىنىڭنى قاتتىق ئۇر، كالتىكىڭنى ئايىما. غولدا، سويۇل، باقان_ چارۋىچىنىڭ قورالى. ئۇمۇت، گۇرزى قەدىمكى زاماندا ئاساسىي قوراللاردىن ئىدى. تۇز يالغان ئىت قوپارغۇ ئاستىدا ئۆلەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىلگىرى باي - خوجاملار كەمبەغەل - يوقسۇللارنى ھاقارەت يۈزىسىدىن شۇنداق ئاتاشقان.
نادەمنىڭ ئاكىسى نادىر ئاتلىق كالتە قۇيرۇق كىشىلەرنى قۇترىتىپ، بىزنى يوقاتماقچى بولغان، - دېدى ئەختامباي. ئۇ قىزىلپاچاق ئوغرىنىڭ ئەدىبىنى بېرىش كېرەك، - دەيتتى ئۇ باي. يالاڭتۆشلەرگە ھەرگىز رىئايە قىلمايمەن، - دېدى ساقچى باشلىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
قىسقا، تومراق تاياق.
كالتەك بىلەن ئۇرماق.
تاياق، توقماق، مۇشتلارنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن بېرىلگەن زەربە.
سېنىڭ كالتىكىڭنى كۆتۈرەلمەيمەن.
كالتەك[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قىسقا، تومراق تاياق:[مىسال:] كالتەك بىلەن ئۇرماق.[يەشمىسى:] ② تاياق، توقماق، مۇشتلارنىڭ ئۇرۇلۇشىدىن بېرىلگەن زەربە:[مىسال:] سېنىڭ كالتىكىڭنى كۆتۈرەلمەيمەن.