UyghurMain Dictionary
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىزغىنلىق قايناپ - تېشىپ تۇرغان ھالەت.
قايناق تۇرمۇش ئىچىگە بار، قايناق تۇرمۇشتىن ئۆگەن. ياشلار ھەر ۋاقىت جۇشقۇن بولۇش كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
جۇش ئۇرۇپ تۇرغان، دولقۇنلىغان، مەۋج ئۇرغان.
جۇشقۇن كەيپىيات.
كۆچمە. قايناق؛ قىزغىن، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق.
باغچىلار شوخ ۋە جۇشقۇن ياشلار بىلەن جانلاندى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
جۇش ئۇرۇپ تۇرىدىغان، سەزگۈر، ھەرىكەتچان كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
تېتىك، كۆتۈرەڭگۈ
جۇشقۇن[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① جۇش ئۇرۇپ تۇرغان، دولقۇنلىغان، مەۋج ئۇرغان:[مىسال:] جۇشقۇن كەيپىيات.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] قايناق؛ قىزغىن، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق:[مىسال:] باغچىلار شوخ ۋە جۇشقۇن ياشلار بىلەن جانلاندى.