جەۋلان قىلماق[يەشمىسى:] ① ھەر تەرەپكە تاشلانماق؛ لەپىلدىمەك، پەرۋاز قىلماق:[مىسال:] قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلدى.[يەشمىسى:] ② ئىپادىلەنمەك، نامايان بولماق:[مىسال:] ھەممەيلەننىڭ چىرايىدا ئىسمائىلغا نىسبەتەن چەكسىز قايىللىق، سەمىمىي ھېسداشلىق، چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇسى جەۋلان قىلاتتى.