جەملىمەك[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر يەرگە يىغماق، توپلىماق، يىغىنچاقلىماق:[مىسال:] ئولتۇرۇش ئەھلى ھەممە دىققىتىنى جەملەپ، سادىرنىڭ بەزى قوشاقلىرىغا ئاستا غىڭشىپ ئاۋاز قوشتى.[يەشمىسى:] ② قوشۇپ، يىغىندىسىنى چىقارماق:[مىسال:] ئۇ ھەدەپ چوت سوقۇپ، ئاللىقانداق سان-سىپىرلارنى جەملىمەكتە ئىدى.