UyghurMain Dictionary
جايلاشماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر يەرگە يەرلىشىپ تۇرۇپ قالماق، بىرەر خىزمەتكە تەيىنلەنمەك.
يېزىلارغا بارغان زىيالىي ياشلارنىڭ بىر مۇنچىسى شۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ قالدى. ئوقۇش پۈتتۈرگىلى ئىككى ئاي بولدى، تېخى بىرەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرمىدى. يولدا بىر ئۆيگە بىر ئوبدان جايلىشىۋالدۇق. جايلاشماققا جاي يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<جايلىماق> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
ئورۇن ئالماق، ئىگىلىمەك، ئورۇنلاشماق، سىغماق.
سادىق ئۆيگە كىرىپ، قوش سافانىڭ بىرىگە جايلاشتى.
كىرمەك، ئورناشماق.
ئۇ ناھايىتى چىرايلىق ئىدى، ئىشقى دىلىمغا جايلاشتى.
قاملاشماق، جايىغا چۈشمەك.
- مەن ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرگەن ھەم ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى جايلىشىپ بەرگەنىدىم، - دېدى ئۇ ئېسەدەپ تۇرۇپ.
جايلاشماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① «جايلىماق» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.[يەشمىسى:] ② ئورۇن ئالماق، ئىگىلىمەك، ئورۇنلاشماق، سىغماق:[مىسال:] سادىق ئۆيگە كىرىپ، قوش سافانىڭ بىرىگە جايلاشتى.[يەشمىسى:] ③ كىرمەك، ئورناشماق:[مىسال:] ئۇ ناھايىتى چىرايلىق ئىدى، ئىشقى دىلىمغا جايلاشتى.[يەشمىسى:] ④ قاملاشماق، جايىغا چۈشمەك:[مىسال:] مەن ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭ يۈزىنى كۆرگەن ھەم ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى جايلىشىپ بەرگەنىدىم، دېدى ئۇ ئېسەدەپ تۇرۇپ.