UyghurMain Dictionary
جاھىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نادان، بىلىمىسز:
قاچان ئاقىل كۆرۈپ ئىچمىش تولا زەھر،
كى جاھىلللىقدۇر ئولماق ئاڭا مايىل.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نادان، بىلىمسىز، ئىلىمسىز، قارا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان، ئىدىيىدە قاتمال.
جاھىلغا يول تاپار دائىم ئاقىل، ئەمما ئاڭا بەرھەم بېرىدۇ جاھىل. كاجنى بازار ئوڭلايدۇ، ساراڭنى مازار. تەرساغا گەپ ئۆتمەس، تاشقا مىخ. قىرسىقنىڭ كۈلكىسىمۇ قىرسىق. قىيىق قېرىسىمۇ پەيلىدىن يانمايدۇ. تەتۈرگە پۈتتۈرۈپ كەل دېسەڭ، بۇزۇپ كېلىدۇ. تەتۈرنىڭ خەتەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
ئۆز گېپىدە، ئۆز ئىشىدا چىڭ تۇرۇۋالىدىغان؛ گەپ يېمەيدىغان؛ كاج، تەرسا.
جاھىل ئادەم.
ئىلىم - مەرىپەتتىن مەھرۇم، بىلىمسىز.
نادان - جاھىل كىشى ئۆزىگە مۇۋاپىق ئىشنى سەندە كۆرۈپ، سېنى ماختايدۇ.
مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەيدىغان، تەرسا.
سىخوغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ تېز غەلىبىگە ئېرىشىش - ئېرىشەلمەسلىكى مۇشۇ جاھىل قورغاننى بۆسۈپ ئۆتۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
جاھىل[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ئۆز گېپىدە، ئۆز ئىشىدا چىڭ تۇرۇۋالىدىغان؛ گەپ يېمەيدىغان؛ كاج، تەرسا:[مىسال:] جاھىل ئادەم. [يەشمىسى:] ② ئىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم، بىلىمسىز:[مىسال:] نادان-جاھىل كىشى ئۆزىگە مۇۋاپىق ئىشنى سەندە كۆرۈپ، سېنى ماختايدۇ.[يەشمىسى:] ③ مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەيدىغان، تەرسا:[مىسال:] شىخوغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ تېز غەلىبىگە ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكى مۇشۇ جاھىل قورغاننى بۆسۈپ ئۆتۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئىدى.