Uyghur←ChineseMain Dictionary
يوپۇرماق ئالىقىنى ئارقىلىق ئوزۇقلىنىش
Domain: بىئولوگىيە叶片营养
yèpiànyíngyǎng
ئۆسۈملۈكلەر يىلتىزى ئارقىلىق مىنېرال ماددىلارنى سۈمۈرۈپ ئوزۇقلانغاندىن باشقا، يەنە يەر ئۈستى قىسمىدىن ئاساسەن يوپۇرماق ئالىقىنى ئارقىلىقمۇ مىنېرال ئوزۇقلۇقىنى سۈمۈرىدۇ، بۇ خىل ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئۇسۇلى يوپۇرماق ئالىقىنى ئارقىلىق ئوزۇقلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئارقىلىق ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى يوپۇرماق ۋە شاخ ئارقىلىق ئوزۇقلىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يوپۇرماق ئارقىلىق ئوغۇتلاش ھەققىدە فورسىت (Forsyth) نىڭ 1803 - يىلى يېزىلغان ئەسىرىدە مەلۇم خاتىرىلەر بار. يوپۇرماق ئارقىلىق ئوغۇتلاش ئۇسۇلى ئاددىي، ئىشلىتىلىدىغان ئوغۇتنىڭ مىقدارى ئاز، بولۇپمۇ تۇپراقتىن تەستە ئېرىشكىلى بولىدىغان ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلارنى يوپۇرماق ئارقىلىق ئوغۇت قىلىپ بەرگەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغاچقا، نۆۋەتتە كىشىلەر يوپۇرماق ۋە شاختىن ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ ۋە كەڭ تۈردە ئىشلىتىۋاتىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.