UyghurMain Dictionary
يوپۇرماق تاشلايدىغان ئۆسۈملۈكلەر
Domain: بىئولوگىيەئۆسۈش پەسلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆسۈملۈك تۈپىدىكى يوپۇرماقلارنىڭ ھەممىسى تۆكۈلۈپ كېتىدىغان كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە مۆتىدىل بەلباغدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرمىقى كۈز ۋە قىش پەسلىدە پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىپ ئۆسۈملۈك ئۈچەككە كىرىدۇ. باھارنىڭ كېلىشى بىلەن يەنە يېڭى يوپۇرماق چىقىرىدۇ. يوپۇرماق تاشلاش ئۆسۈملۈكنىڭ پارغا ئايلاندۇرۇشىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ سوغۇق ۋە قۇرغاقچىلىققا بولغان ماسلىشىشنى كۈچەيتىدۇ. مەسىلەن، چىنار، ئاق تېرەك، ئاق ئاكاتسىيە، ئاق چىنار قاتارلىقلار.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.