UyghurMain Dictionary
ياسىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پەيدا قىلماق، ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەك، شەكىللەندۈرمەك؛ ئەتمەك، تەييارلىماق.
ساندۇق ياسىماق، پاراخوت ياسىماق.
ياساش قىيىن، بۇزۇش ئاسان (ماقال).
تۈزىمەك، ئوڭشىماق، رېمونت قىلماق.
ياشقىنا شوپۇر يىگىت چاق ياساش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
ئوڭشىماق؛ تۈزەشتۈرمەك.
سارىخان خۇشاللىنىپ بەختىگۈلنىڭ سەل چۇۋۇلغان چاچلىرىنى قولى بىلەن ياساشقا باشلىدى.
زىننەتلىمەك، بېزىمەك.
— توۋا قىلدىم، مەن نېمە كويدا، بۇ نېمە ئويدا. مەن بۇنىڭ ئۆينى خەقنىڭ زوقى كەلگۈدەك ياساپ ئاۋارە، بۇ بولسا،— دېدى ئاپام خاپا بولۇپ.
ئەمىن تاپقۇزماق، خۇش قىلماق، شادلاندۇرماق.
ئۇ تاپشۇرۇقنى ئېلىپ، زىندانغا باردى - دە، ھېلىقى ئىككىسىنىڭ كۆڭلىنى ياسىدى.
كۆچمە. توقۇپ چىقارماق، ئويدۇرۇپ چىقارماق، كۆپتۈرمەك؛ ئۆزگەرتمەك (گەپ - سۆز ھەققىدە).
ئابلەت بىرىنچى ئۇرۇشىدىنلا ئىشىنى ئەپلەشتۈرەلمىگەندىن كېيىن دەرغەزەپ بولۇپ، ئۈلپەتلىرىگە ئەھۋالنى باشقىچە ياساپ ئېيتتى.
بەزى ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرلىك سۆزلەرنىڭ ئارقىسىغا قوشۇلۇپ كېلىپ پېئىللاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
بۇرۇلۇش ياسىماق.
گۈلچىمەننىڭ ھېسسىياتىدىكى ئۆزگىرىش، ئۇنىڭ ھەرىكىتىدىمۇ ئۆزگىرىش ياسىدى.
ياسىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پەيدا قىلماق، ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەك، شەكىللەندۈرمەك؛ ئەتمەك، تەييارلىماق:[مىسال:] ساندۇق ياسىماق. پاراخوت ياسىماق. * ياساش قىيىن، بۇزۇش ئاسان (ماقال).[يەشمىسى:] ② تۈزىمەك، ئوڭشىماق، رېمونت قىلماق:[مىسال:] ياشقىنا شوپۇر يىگىت چاق ياساش بىلەن ئاۋارە ئىدى.[يەشمىسى:] ③ ئوڭشىماق؛ تۈزەشتۈرمەك:[مىسال:] سارىخان خۇشاللىنىپ بەختىگۈلنىڭ سەل چۇۋۇلغان چاچلىرىنى قولى بىلەن ياساشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ④ زىننەتلىمەك، بېزىمەك:[مىسال:] توۋا قىلدىم، مەن نېمە كويدا، بۇ نېمە ئويدا، مەن بۇنىڭ ئۆيىنى خەقنىڭ زوقى كەلگۈدەك ياساپ ئاۋارە، بۇ بولسا، دېدى ئاپام خاپا بولۇپ.[يەشمىسى:] ⑤ ئەمىن تاپقۇزماق، خۇش قىلماق، شادلاندۇرماق:[مىسال:] ئۇ تاپشۇرۇقنى ئېلىپ، زىندانغا باردى-دە، ھېلىقى ئىككىسىنىڭ كۆڭلىنى ياسىدى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] توقۇپ چىقارماق، ئويدۇرۇپ چىقارماق، كۆپتۈرمەك؛ ئۆزگەرتمەك (گەپ-سۆز ھەققىدە):[مىسال:] ئابلەت بىرىنچى ئۇرۇشىدىنلا ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمىگەندىن كېيىن دەرغەزەپ بولۇپ، ئۈلپەتلىرىگە ئەھۋالنى باشقىچە ياساپ ئېيتتى.[يەشمىسى:] ⑦ بەزى ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرلىك سۆزلەرنىڭ ئارقىسىغا قوشۇلۇپ كېلىپ پېئىللاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ:[مىسال:] بۇرۇلۇش ياسىماق. * گۈلچىمەننىڭ ھېسسىياتىدىكى ئۆزگىرىش، ئۇنىڭ ھەرىكىتىدىمۇ ئۆزگىرىش ياسىدى.