UyghurMain Dictionary
ياشⅠ
ياشⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① قېرى ئەمەس، نەۋقىران:[مىسال:] ياش ئادەم. ياش ئايال. * ياش ۋاقىتتا قىلغان ئىبادەت تاشقا مۆھۈر باسقاندەك (ماقال). * مەن ئۇلارغا قارىدىم، ئالدىمدا مېنىڭ مەھەللىكلىرىمدىن ياش، قېرى بولۇپ ئوتتۇزچە كىشى تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② سۈيى قۇرۇمىغان، نەملىكى تارقالمىغان؛ يېڭى:[مىسال:] ياش كۆكتات.[يەشمىسى:] ③ بالاغەتكە يەتمىگەن، يېتىلمىگەن:[مىسال:] ياش بالا. ياش قىز. * تەشۋىقىي-تەربىيىدە پارتىيە-ئىتتىپاق ئەزالىرىنى ۋە ياش ئۆسمۈرلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىش لازىم.[يەشمىسى:] ④ ياشلىققا، ياشلىق دەۋرگە خاس:[مىسال:] ياش كۈچ. ياش كۆڭۈل. * ئۇلارنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، روھىي جەھەتتىن ئۇلار ياش ئىدى.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېتەرلىك تەجرىبىگە ئىگە بولمىغان، تەجرىبىسىز:[مىسال:] سەن تېخى ياش، ھېچ ئىش كۆرمىگەن. تاغنىڭ ئىچىگە ئاپىرىپ باقىمەن، دەپ بۆرە-ئېيىقلارغا يەم بولۇپ يۈرمىگىن، يەنە، دېدى ياشانغان بىرى.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېڭىدىن پەيدا بولغان، يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن، تارىخى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان:[مىسال:] فولكلور ئىلمى ھەقىقەتەن ياش بىر پەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى زور بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە جەمئىيەت ئۆزگىرىشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، تېخىمۇ كەڭ ئومۇملۇققا ئىگە بولماقتا.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېڭى تەشكىللەنگەن، مۇستەھكەملەنمىگەن:[مىسال:] ياش تەشكىلات. ياش دۆلەت. ياش پارتىيە.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان، تىكىلگەن:[مىسال:] ياش كۆچەت.