UyghurMain Dictionary
يارمىدىماق
شىۋىلەر
چالا - بۇلا بىلمەك، يېرىم - ياتا بىر نەرسە قىلماق. مەسىلەن: مەن خەنزۇچىنى پىششىق بىلمەيمەن، ئانچە - مۇنچە يارمىدايمەن - يېرىم - ياتا سۆزلەيمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پارچە - پارچە قىلماق، پارچىلىماق، يارتىلىماق.
ئۇ تۇخۇمەكياغنى يارمىداپ يۇتۇۋەتتى - دە، دەرھال ئىككىنچى بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ، رومكىلارنى يەنە ماڭدۇرۇشقا باشلىدى.
چالا - بۇلا، بىلمەك، يېرىم - يارتا بىر نەرسە قىلماق.
مەن خەنزۇچىنى تولۇق بىلمەيمەن، ئانچە - مۇنچە يارمىدايمەن.
يارمىدىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① پارچە-پارچە قىلماق، پارچىلىماق، يارتىلىماق:[مىسال:] ئۇ تۇخۇمدەك ياغنى يارمىداپ يۇتۇۋەتتى-دە، دەرھال ئىككىنچى بوتۇلكىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ، رومكىلارنى يەنە ماڭدۇرۇشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② چالا-بۇلا، بىلمەك، يېرىم-يارتا بىرنەرسە قىلماق:[مىسال:] مەن خەنزۇچىنى تولۇق بىلمەيمەن، ئانچە-مۇنچە يارمىدايمەن.