UyghurMain Dictionary
يارامسىز
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتكە يارىمايدىغان.
بولۇملۇق، ياراملىق
ئىش - ھەرىكەتكە يارايدىغان.
بولۇملۇق يىگىت قىلغان ئىشىدىن مەلۇملۇق. بولۇمسىزغا بولۇپ بەردى، پۇت - قولىنى قويۇپ بەردى. بولۇمسىزنى بولدۇرالمىدىم، خورجۇن - قاچىسىنى تولدۇرالمىدىم. ياراملىق يىگىت ھەممىگە يارايدۇ، يارامسىز يىگىت تۈز يەردىمۇ غۇلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بىرەر ئىشقا، ئىستېمالغا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان، سۈپىتىنى يوقاتقان، ئۆزگەرتكەن؛ يارىماس.
يارىماس تۆمۈر، يارامسىز مەھسۇلات.
كۆچمە. بىرەر ئىشقا يارىمايدىغان، بىرەر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان؛ ناقابىل، قابىلىيەتسىز.
زور - زور ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئالدىدا مېڭىپ، كۆپچىلىككە يول باشلاپ كەلگەن ئادەملەر ئىدۇق، ئەمدى يارامسىز بولۇپ قالدۇقمىكىنە؟
يارامسىز[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشقا، ئىستېمالغا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان، سۈپىتىنى يوقاتقان، ئۆزگەرتكەن؛ يارىماس:[مىسال:] يارامسىز تۆمۈر. يارامسىز مەھسۇلات.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشقا يارىمايدىغان، بىرەر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان؛ ناقابىل، قابىلىيەتسىز:[مىسال:] زور-زور ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئالدىدا مېڭىپ، كۆپچىلىككە يول باشلاپ كەلگەن ئادەملەر ئىدۇق، ئەمدى يارامسىز بولۇپ قالدۇقمىكىنە