UyghurMain Dictionary
يارⅠ
يارⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① ئەڭ يېقىن كىشى؛ دوست، بۇرادەر، ئاغىنە:[مىسال:] مەدەتكار بولاي، زۇلپىقار بولاي. بىريولى دوستلار، يارغا يار بولاي.[يەشمىسى:] ② ئۆزئارا تونۇشقان، مۇھەببەتلەشكەن؛ مەشۇق (قىز-يىگىت ھەققىدە):[مىسال:] ۋاپادار يار. يارنى كۈتمەك. * يارنى تاپقاندا گەپ يوق، گەپنى تاپقاندا يار يوق (ماقال).* يار ئوتىنىڭ يارىسى يوق، ياردىن باشقا دورىسى يوق (ماقال).[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] مەدەت، ئىلھام، يار-يۆلەك:[مىسال:] قىيىن كۈنلەردە ئۇ ماڭا يار.