UyghurMain Dictionary
ياقاⅠ[يەشمىسى:] ①[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] قىرغاق، بوي، لەپ، ساھىل:[مىسال:] تۈمەن دەرياسىنىڭ ياقىلىرىدىكى سۇۋادان تېرەكلەر ئارىسىدىن ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن تولۇن ئاي گوياكى ئەۋلىيا ئاتىغا قاراپ كۈلگەندەك تۇراتتى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئۆزى تۇرغان جايدىن يىراق، ئۆزگە، يات، چەت:[مىسال:] ياقا يۇرت. * ياقا يۇرتقا چىقىپ كەتمەك.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر خەۋپلىك، ھالاكەتلىك ۋەقە، ھادىسىنىڭ باشلىنىشىغا، سادىر بولۇشىغا ئاز قالغان ۋاقىت، پەيت، ھالەت:[مىسال:] مۇختەر ئۆلدى، سادىقمۇ ئۆلۈم ياقىسىدا، ئەمدى سىز بىلەن ئىككىمىزلا قالدۇق، دېدى ئاتابېك ھامىدنىڭ قولىدىن تۇتۇپ.