يانجىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① ئەزمەك، مىجىماق، ئۇۋاقلىماق:[مىسال:] تۈمەن بويىدىكى جەڭدە قاۋۇل تۆمۈرچى ئۇنى ئاتتىن سۆرەپ چۈشۈرۈپ، چويۇن توقماق بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى يانجىپ تاشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] يوقاتماق:[مىسال:] ئەگەر تەتۈر يول تۇتساڭ يانجىپ تاشلايمىز.