يانغاق[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① گېپىدە، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، گېپىدىن ئاسان يېنىۋالىدىغان:[مىسال:] بىزنىڭ مەھەللىدە ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن بولۇپ، بىرىنى «ئابلا يانغاق» بىرىنى «ھاشىم تايغاق» دەيتتى.[يەشمىسى:] ② ھارۋىنى ياخشى تارتمايدىغان، كەينىگە داجىيدىغان:[مىسال:] يانغاق ئات. يانغاق ئۆكۈز.