يامىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① بىرەر نەرسىنىڭ يىرتىلغان، تېشىلگەن يېرىنى تۈزىمەك، پۈتۈنلىمەك؛ ئۇلىماق، تىكمەك:[مىسال:] كىيىم يامىماق. ئاياغ يامىماق. * پەشنى كېسىپ، يەڭنى ياماپتۇ (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كەسىپ تۈرى:]>بىئولوگىيە<[يەشمىسى:] ئورگانىزمنىڭ ئىچكى توقۇلمىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، بەدەن ئىچىدىكى ئاقسىل ماددىسى ئارقىلىق توقۇلماق.