ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. يالتىراپ تۇرىدىغان، يالتىراش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە، يالتىرايدىغان، پارقىرايدىغان، پارقىراق.
يالتىراق شەبنەم.
ئۇنىڭ سەدەپتەك ئاپئاق ئۇششاق چىشلىرى ھال رەڭ لەۋلىرى ئارىسىدا يالتىرىغاندا گوياكى ئانار دانىلىرى ئورنىغا سەدەپتەك يالتىراق ئۈنچىلەر پاتۇرۇپ قويۇلغاندەك تۇيۇلىدۇ.
ئى. جوزا، ئۈستەللەرنىڭ ئۈستىگە سېلىش ئۈچۈن سولياۋدىن ئىشلەنگەن، يۈزى يالتىراپ تۇرىدىغان بىر خىل بۇيۇم. سولياۋ داستىخان.